ماكرون، شولز ۋە دۇدا ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە پولشا رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ھەمدە ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتوغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1999125
ماكرون، شولز ۋە دۇدا ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ۋە پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرېج دۇدا فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئۇنىڭ (ئۇكرائىنانىڭ) ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

رەھبەرلەر يىغىندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ پىرېزىدېنت ماكرون يىغىندىكى سۆزىدە، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزلىرىدىن كىيېۋنى داۋاملىق قوللاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇكرائىنانى بويسۇندۇرغىلى بولمايدىغانلىقى ئېنىق، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان تىنچلىقتۇر» دېدى.

ئۇكرائىنانى ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردە ئۈزلۈكسىز قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن ماكرون، ئۇكرائىنانىڭ غەلىبىسىنىڭ پۈتكۈل قىتئەنىڭ تىنچلىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پولشا پىرېزىدېنتى دۇدا بولسا، رۇسىيەنى ئىككىنچىلەپ باشقا بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىش ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيە جاھانگىرلىكىگە خاتىمە بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«شۈبھىسىزكى، ئۇكرائىنا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتوغا قوشۇلىدۇ» دېگەن دۇدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنى خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن ئۇكرائىناغا تەۋە بارلىق يەرلەردىن چىقىرىۋېتىلىشىنىڭ غەلىبە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شولز فىرانسىيە، پولشا ۋە گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ مەيدانىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنانى قەتئىي قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئېھتىياجلا بولىدىكەن، ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ پىلانىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىش پەيتىنىڭ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «يۈز مىڭلارچە ئۆلۈك، مىليونلارچە يارىدار ۋە بۇلاردىنمۇ كۆپ مۇساپىرنى ئارقىدا قالدۇرغان 16 ئايدىن كېيىن، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان پەيت كەلدى. بۇ پەيت ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈپ، ئادىل تىنچلىق ئورنىتىش توغرىسىدا سۆزلىشىشكە تەييارلىق قىلىش پەيتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر