ئۇكرائىنا قىسىملىرى باخمۇتتا 1400 مېتىر ئىلگىرىلىدى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم باياناتچىسى سېرگېي چېرېۋاتىي ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ باخمۇت تەرەپكە قاراپ 1400 مېتىر ئىلگىرىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1998015
ئۇكرائىنا قىسىملىرى باخمۇتتا 1400 مېتىر ئىلگىرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم باياناتچىسى چېرېۋاتىي بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا شەرق ئالدىنقى سېپىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

سېرگېي چېرېۋاتىي ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ باخمۇت تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مۇشۇ بىر كۈن ئىچىدىلا ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا 1400 مېتىر ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۈق. دۈشمەن ئاكتىپ مۇداپىئەدە تۇرماقتا ۋە قىسىملىرىمىزنى بومباردىمان قىلماقتا» دېدى.

مۇشۇ بىر كۈن ئىچىىلا باخمۇت يۆنىلىشىدە ئالتە قېتىم توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان چېرېۋاتى، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە 330 قېتىم زەمبىرەك ۋە سەككىز قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر