ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىش تەشەببۇسى دائىرىسىدە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ھاۋا مۇداپىئە ۋە ئوق-دورا ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1998012
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا بولغان «تولۇق قوللىشى» دائىرىسىدە، يوللىنىدىغان ھەربىي ياردەم يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە زېمىنى ئۇزۇن مۇددەتكىچە «روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى» غا قارشى قوغداشقا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ياردەم يۈرۈشلىكىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە رەتكە تىزىلدى:

«ۋەتەنپەرۋەر ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈچۈن قوشۇمچە ئوق - دورىلار، <HAWK> ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى، 105 ۋە 203 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوقى، پۇما ئۇچقۇچىسىز ھاۋا سىستېمىسى، لازېرلىق باشقۇرۇلىدىغان راكېتا بومبا سىستېمىسى ئوق ۋە مەشىق، ئاسراش ۋە ئوڭشاش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ياردەملەر».

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىناغا قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەملەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر