شەرىف: پاكىستان تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف سودا، مەبلەغ سېلىش، ئالىي مائارىپ، ساياھەت ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1996885
شەرىف: پاكىستان تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان رادىيوسى، تۈركىيەنىڭ ئىسلامئابادتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەھمەت پاچاچىنىڭ باش مىنىستىر شەرىف تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شەرىف يىغىن جەريانىدا، پاكىستاننىڭ تۈركىيە بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش، ئالىي مائارىپ، ساياھەت ۋە ئۇل-ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شەرىف تۈركىيە بىلەن پاكىستاننىڭ ئورتاق ئېتىقاد ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر- بىرىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ھەققىدە توختىلىپ: «ھازىر چەت ئەلنىڭ پاكىستانغا مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى، بىز تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن.

پاكىستان باش مىنىستىرى شەرىف جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مېھماندوستلۇقىغا رەھمەت ئېيتقان.

ئۇ 3 - 4- ئىيۇن كۈنلىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر