سۇداندىكى سەرگەردانلارنىڭ سانى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

سۇداندا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سەرگەردانلارنىڭ سانى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

1994096
سۇداندىكى سەرگەردانلارنىڭ سانى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداندىكى ئارمىيە بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سەرگەردانلارنىڭ سانى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، يېقىنقى ئالتە ھەپتە ئىچىدە توقۇنۇش ۋە مۇقىمسىزلىق سەۋەبىدىن 1 مىليون 200 مىڭ كىشى دۆلەت ئىچىدە سەرگەردان بولۇپ كەتكەن، 425 مىڭ كىشى پاناھلىق ئىزدەپ قوشنا دۆلەتلەرگە كەتكەن.

%69  كىشى خارتۇم شەھىرىگە، % 20 كىشى غەربىي دارفۇرغا  قېچىپ كەتكەن.

مىسىر، لىۋىيە، چاد، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، جەنۇبىي سۇدان ۋە ئېفىيوپىيەگە قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ %64 ىنى سۇدانلىقلار، %36 ىنى چەت ئەللىكلەر ۋە ئۆز دۆلىتىگە قايتقانلار تەشكىل قىلغان.

سەرگەردانلار ئەڭ كۆپ كىرگەن دۆلەتلەر مىسىر، چاد ۋە جەنۇبىي سۇدان بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ دۆلەت يېمەكلىك، تۇرالغۇ ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەن.

گەرچە كۆپ قېتىم ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئوخشىمىغان رايونلاردا داۋاملىق توقۇنۇشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر