سۇداندا بىر ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكا مۇرەسسەچىلىك قىلغان مۇزاكىرەلەر نەتىجىگە ئېرىشتى.

1989681
سۇداندا بىر ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسى بىلەن جىددە شەھرىدە سۇدان يېرىم ھەربىي تېز قوللاش ئەترىتى (HDK) ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 21:45 تە كۈچكە ئىگە بولدى.

تەرەپلەر پايتەخت خارتۇمنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئۇرۇش توختىتىشقا بىر قانچە سائەت قالغاندا ئېغىر ۋە يېنىك تىپلىق قوراللار بىلەن ئۆزئارا توقۇنۇشتى. ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلغان تۇرۇقلۇق، بەزى رايونلاردا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

سۇدان دوختۇرلار ئۇيۇشمىسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا 15-ئاپرېل (2023) باشلانغان توقۇنۇشلاردا، ھازىرغا قەدەر 863 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 3531 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سۇدان ئارمىيەسى ئىلگىرى قوللىغان ئەمما مۇستەقىل ۋە پاراللېل ئارمىيەگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تەھدىت دەپ قارىغان يېرىم ھەربىي تېز قوللاش ئەترىتىنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە ئارمىيەگە تولۇق كىرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما يېرىم ھەربىي تېز قوللاش ئەترىتى بولسا، خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ تەخمىنەن 10 يىلغا سوزۇلىدىغان باسقۇچتا بۇنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئېغىزاكى توقۇنۇش جىددىيلەشكەن ۋە 15-ئاپرېل ئەتىگەندە پايتەخت خارتۇم، ھەمدە باشقا شەھەرلەردە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.

يېرىم ھەربىي تېز قوللاش ئەترىتى 2019-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئاغدۇرۇلغان پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەل بەشىر دەۋرىدە، دارفۇردا ئىسيانچىلارغا قارشى تۇرۇش، چېگرانى قوغداش ۋە تەرتىپنى ساقلاش ئۈچۈن خەلق ئەسكەرلىرى سۈپىتىدە قۇرۇلغان ئىدى. 2013-يىلى بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات تەشكىلاتىغا بىۋاستە قارايديغان بولغان، ئاندىن تېخىمۇ مۇستەقىل قۇرۇلمىغا ۋە نەچچە ئونمىڭ ئەزاغا ئىگە بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر