كرېمىل: ئەردوغان بىلەن پۇتىن مۇھىم سىياسەتچىلەر

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مۇھىم سىياسەتچىلەر ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككىسىنىڭ ۋەدىسىىدە تۇرىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1989340
كرېمىل: ئەردوغان بىلەن پۇتىن مۇھىم سىياسەتچىلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئاۋامىزملىق بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «پۇتىن بىلەن ئەردوغان سىياسىي تەجرىبىسى مول بولغان ئەستايىدىل سىياسەتچىلەر. ئۇلار ۋەدىسىدە تۇرىدىغان كىشىلەر» دېدى.

ئۇ ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار (ئىككى رەھبەر) ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە، كونكرېت مەسىلىلەرگە  كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتمىغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىگە دۇچ كەلدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسى ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ رۇسىيە قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا. شۇنداقتىمۇ ئالاقىلىشىش داۋاملىشىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ. مەزكۇر كېلىشىم ئىككى ئاي ئۇزارتىلدى. بۇ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت، تېزلا ئاخىرلىشىشى مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر