مېكسىكا چېگرا نۇقتىلىرىغا زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مېكسىكا پىرېزىدېنتى مانيۇئېل لوپېز ئوبرادور قالايمىقان كۆچكە قارشى كۈرەش رامكىسىدا چېگراغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1985663
مېكسىكا چېگرا نۇقتىلىرىغا زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا پىرېزىدېنتى مانيۇئېل لوپېز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن كۆچ مەسىلىسى بويىچە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چېگرا نۇقتىلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كۆچمەنلەرنى ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ تەكلىپلىرىگە ئالدانماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ: «چېگرا رايونلىرىدا كۈشكۈرتچىلىكلەرگە پۇرسەت بەرمەلىك ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىمىز. بۇنداق قىلىشنى بىز قارار قىلدۇق. ئەتكەسچىلەر كىشىلەرنى 8-10 مىڭ دوللارغا ئالدايدۇ، بۇ چوڭ ئالدامچىلىق» دېدى.

ئۇ كۆچمەنلەرنى ئامېرىكاغا قانۇنلۇق كىرىشكە چاقىردى ۋە: «بۇ ۋىزالار ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ قارارى ۋە ئىرادىسى بىلەن تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلدى» دېدى.

 

ئۇ 10-ماي (2023) ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئۇنىڭ بىلەن كۆچنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى ئېنىقلاش كېرەكلىكىنى ئورتاقلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەشنى كۈچەيتىش قانۇن تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللاندى.

قالايمىقان كۆچمەنلەرنى مېكسىكاغا قايتۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان «42-ماددا» نى ئىجرا قىلىش ئاخىرلىشىدىغانغا بىر قانچە سائەت قالغاندا قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ، دېموكراتلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتمەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر