خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيە دوستانە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە بىلەن خىتاي دوستانە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1984413
خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيە دوستانە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى — KCNA نى مەنبە قىلغان بىر خەۋىرىدە، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو سونخۈينىڭ خىتاينىڭ پيوڭياڭدا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى ۋاڭ ياچۈننى قوبۇل قىلغان ئۇچرىشىشنىڭ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو بىلەن باش ئەلچى ياچۈننىڭ ئۇچرىشىش جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخى ۋە دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تەكىتلەندى.

ۋاڭ ياچۈن 4 - ئايدا شىمالىي كورېيەدىكى رەسمىي ۋەزىپىسىنى باشلىغانىدى.

2021-يىلى 2-ئايدا خىتاينىڭ پيوڭياڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن ياچۈن، كوۋىد – 19 چەكلىمىلىرى تۈپەيلى ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغانىدى.

خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ۋە يادرو پىلانى تۈپەيلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جازاسىغا دۇچار بولۇۋاتقان شىمالىي كورېيەنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە ئىقتىسادىي ئىتتىپاقدىشى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر