ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇلدى

ئۇكرائىنا بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر  ئالماشتۇرۇشتا،  45 نەپەر ئۇكرائىنا ۋە 3 نەپەر رۇسىيە ئەسكىرى قويۇپ بېرىلدى.

1983456
ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىنغان رايونلارنى قايتدىن ئۆزىگە قوشۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئشقا ئاشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە ئەسىرگە ئالغان 45 ئەسكەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان باياناتتا يەنە، «ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلارنىڭ 42 ى ئەر، 3 نەپىرى ئايال. بۇلارنىڭ ھەممىسى 9 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان ئازوۋ بىرلەشمىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات باش ئىدارىسى، ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە باشقا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن ئىشقا ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئۇكرائىنا تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان 3 نەپەر رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ زۆرۈر بولغان داۋالاشتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە ئۇلارغا پىسخىكا ياردىمى بېرىلگەنلىكى ھەمدە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سەھىيە ئورگانلىرىغا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر