ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى ئۈچ تەرەپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك- يېئول ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە كۆرۈشىدۇ.

1981755
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى ئۈچ تەرەپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ، 19 – مايدىن 21 – مايغىچە ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ كورېيە پىرېزىدېنتى يون ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا بىلەن ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر ئەمەلدار خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو بىلەن كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك - يېئول مارتتا توكيودا كۆرۈشكەنىدى.

يون سۇك - يېئول شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىنى قايتا- قايتا تەكىتلەپ: «بىز (كىشىدا بىلەن) (شىمالىي كورېيەنىڭ) يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىياتىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق» دېگەنىدى.

بايدىن 26- ئاپرېل ئاقسارايدا يون سۇك - يېئول بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا ياكى ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىگە يادرو ھۇجۇمى قوزغىشىنىڭ «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ ئۇنى سادىر قىلغان ھەر قانداق ھاكىمىيەتنىڭ خاتىمىسى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.

ئىككى دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىملىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بايدىن، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پائالىيەتلىرىگە قارشى كورېيە يېرىم ئارىلىدا «كېڭەيتىلگەن يادرو يالتايتىش كۈچى» تەسىس قىلىشنى ۋەدە قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

بايدىن، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، دۆلىتى بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا «ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» ئىمزالانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو تەھدىتلىرى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان يادرو مەسلىھەتچىلىكى گۇرۇپپىسى (NCG) نىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر