جو بايدىن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 2024-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

1979374
جو بايدىن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جو بايدىن نامزاتلىقىنى 2019-يىلدىكى نامزاتلىق باياننامىسىنىڭ خاتىرە يىلىدا 3 مىنۇتلۇق سىنلىق ئۇچۇر بىلەن ئېلان قىلىپ: «ھازىر بىپەرۋالىق قىلىدىغان پەيت ئەمەس، شۇڭا مەن قايتا سايلىنىش ئۈچۈن نامزات بولماقچىمەن» دېدى.

جو بايدىن ئۇچۇرىدا، «ئامېرىكانىڭ روھى ئۈچۈن بىر ئۇرۇشتا ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقان ئىدىم. بۇ ئۇرۇش ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەممەيلەن ئۆزىدىن سوراپ بېقىشقا تىگىشلىك سوئال شۇكى، كېيىنكى يىللاردا بىز ئىگە بولىدىغان ئەركىنلىك تېخىمۇ كۆپ بولۇشى لازىممۇ ياكى ئازمۇ؟» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

جو بايدىن ئامېرىكا خەلقىدىن ئۆزىنىڭ يېشىغا بولغان ئەندىشىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، باشلىغان ئىشنى تاماملىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلىپ: «ئەركىنلىك، خۇسۇسىي ئەركىنلىك ئامېرىكالىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنىڭ ئاساسىدۇر. بۇنىڭدىن تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ مۇقەددەس نەرسە يوق» دېدى ۋە قايتىدىن ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر