كىرىستېرسون: بىزنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىمىز تۈركىيەنىڭ قارارىغا باغلىق

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا كىرىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ قارارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1976841
كىرىستېرسون: بىزنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىمىز تۈركىيەنىڭ قارارىغا باغلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئۇلف كىرىستېرسون شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئەزالىقى ھەققىدە «ئافتونبلادېت گېزىتى»گە بايانات بېرىپ، فىنلاندىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنىڭ تەستىقلانغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ناتونىڭ ئىچىدە بولمىغانلىقىمىز ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىمىزنىمۇ ئىپادىلىدىم. بىز ھازىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىمىز، بۇنى چۈشىنىپ يېتىش پەيتى كەلدى. ھازىر بۇ ئىش پۈتۈنلەي تۈركىيەگە باغلىق، مەن تۈركىيەنىڭ قارارىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمەن» دېدى.

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىستېرسون: «1 – ئىيۇندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان بىر تېررورلۇق قانۇنى بار؛ ئەنە شۇ چاغدا تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر