ماكرون: تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى ۋە بېيجىڭنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوللايمىز

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ۋە بېيجىڭنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1974509
ماكرون: تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى ۋە بېيجىڭنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون گوللاندىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا باش مىنىستىر مارك رۇتتې بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ماكرون فىرانسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ داۋاملىشىشىنى ۋە بېيجىڭنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇنى (ماكروننى) «خىتايغا يالاقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشىدىن كېيىن سۆز قىلىپ: «مېنىڭ ترامپنىڭ سۆزىگە قارىتا دەيدىغان گېپىم يوق» دېدى.

ماكرون يەنە بىر مۇخبىرنىڭ: «فىرانسىيە ھېلىھەم ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقدىشىمۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «ئىتتىپاقداش بولۇش، بېقىنىپ قېلىش دېگەنلىك ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىنا، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبى ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىدە ھېچكىمدىن ساۋاق ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئېممانۇئېل ماكرون 5 – ئاپرېل (2023) خىتايدىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ، ئايروپىلاندا فىرانسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مەتبۇئاتلارغا بايانات بەرگەنىدى.

ماكروننىڭ ياۋروپانىڭ ئامېرىكادىن مۇستەقىل بولۇشى توغرىسىدىكى قارىشى ۋە دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشقا ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئامېرىكا بىلەن پولشانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر