مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىرېتسىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ئافېنا زىيارىتى دائىرىسىدە، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياس بىلەن كۆرۈشتى.
![مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىرېتسىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/46ff/fb99/ce84/6435702028ee6.jpg?time=1719049945)
![misir samih sukri-nikos dendias.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/00c9/dc0d/66e2/643570664a559.jpg?time=1719049945)
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى گىرېتسىيەلىك مەنسەپدىشى دېندىئاس بىلەن ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى.
سامىھ شۈكرى مىسىر بىلەن گىرېتسىيەنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر چوڭقۇر تارىخىقا ئىگە ، بىز بۇنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىدا ئەكس ئەتكەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز» دېدى.
سامىھ شۈكرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تاىلغا ئېلىپ: «شەرقىي ئاقدېڭىزدا خەلقئارالىق ۋە رايون دەرىجىلىك مۇقىملىق ھەمدە تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى نىشان قىلغان سىياسىتىمىز ئوخشاش، مەنپەئەتىمىز ئورتاقتۇر» دېدى.
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە، بولۇپمۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ، مىسىر بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئورتاق مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تىلغا ئالدى.
سامىھ شۈكرىنىڭ بۈگۈن باشلىغان گىرېتسىيە زىيارىتىنىڭ قانچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار ھەمبەھىرلەنمىدى.