ئىسرائىلىيە  دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تارقىتىۋېتىشى جەريانىدا پەلەستىنلىكلەر يارىلاندى

ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىكلەرنى تارقىتىۋېتىشى جەريانىدا 31 كىشى يارىلاندى.

1972796
ئىسرائىلىيە  دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تارقىتىۋېتىشى جەريانىدا پەلەستىنلىكلەر يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ئىسرائىلىيەلىك ئەسەبىي ئوڭچىل مىنىستىرلارنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ  شىمالىدا ئۆتكۈزگەن يۈرۈش پائالىيىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەرنى تارقىتىۋېتىشى جەريانىدا، 31 كىشى يارىلاندى.

 ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بۇ پائالىيەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە بەيتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى، كاۋچۇك بىلەن قاپلانغان ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەھىيە ئەترەتلىرى بەيتا كەنتىدە كاۋچۇك بىلەن قاپلانغان ئوق تېگىپ يارىلانغان 22  ئادەمنى قوشقاندا، جەمئىي 31 كىشىنى داۋالاش ئاستىغا ئالغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 185 كىشىگىمۇ نەق مەيداندا تېببىي جەھەتتىن ياردەم قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر