ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ رايون ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتكۈل رايون ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1972949
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ رايون ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس باياناتچىسى ھازىم قاسىم يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتلىرىغا باھا بەردى.

نىتانىياھۇنىڭ پەلەستىن خەلقى، سۈرىيە ۋە ئىرانغا سالغان تەھدىتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھاماس باياناتچىسى ھازىم قاسىم: «ئىسرائىلىيە پۈتكۈل رايون ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ» دېدى.

ھاماس باياناتچىسى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «نېتانياھۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ دۈشمەن قوزغىغان دىنىي ئۇرۇشقا قارشى مەسجىدى ئەقسادىكى كىملىكنى قوغداش ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەلەستىن خەلقىمىزنى قورقۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس. سۈركىلىشلەر ئەمەلىيەتتە سىستېمىلىق ھالدا تېررورلۇق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىشغالنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. خەلقىمىز ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى يۇلۇپ ئېلىش يولىدا قانۇنلۇق كۈرەش قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ دۈشەنبە كۈنى كەچتىدىكى تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئېتىراپ قىلىپ: «بىز ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردۇق. ھاماس ھەرىكىتىنىڭ لىۋاندا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر