پېسكوۋ فىرانسىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي مانېۋىرلىرى توغرىسىدا توختالدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئويناش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1972592
پېسكوۋ فىرانسىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي مانېۋىرلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارنىڭ <فىرانسىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئويناشقا ئۇرۇنۇشى> توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «پارىژ مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئويناش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەردىن بىرىنى قوللاۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە ھالدا ئارىلىشىۋاتىدۇ» دېدى.

پېسكوۋ يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى فىرانسىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئوينىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

خىتاينىڭ تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان پېسكوۋ، خىتايغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ بۇ ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈپ جاۋاب قايتۇرۇش ئىگىلىك ھوقۇقى بار» دېدى.

كرېمىل باياناتچىسى پېسكوۋ خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر