مېكسىكادا يوقاپ كەتكەن ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن ھالەتتە تېپىلدى

مېكسىكانىڭ باجا كالىفورنىيە يېرىم ئارىلىدا يوقاپ كەتكەن ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ جەسىتى مازارلىقتا كۆمۈلگەن ھالەتتە تېپىلدى.

1971014
مېكسىكادا يوقاپ كەتكەن ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن ھالەتتە تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باجا كالىفورنىيە سۇر ئىشتاتلىق تەپتىش مەھكىمىسى 11-فېۋرالدىن (2023) بۇيان يوقاپ كەتكەن ۋىلمېر ترىۋىتتنىڭ جەسىتىنىڭ مەخپىي قەبرىدىن تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇپەتتىشلەر 23-فېۋرالدا رايوندا چېدىر قۇرغانلىقى ئېنىقلانغان ترىۋىتتنىڭ كارۋىنىنىڭ كۆيدۈرۈلگەن ھالدا بايقالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن مەلۇم مەزگىل ئىلگىرى ئىككى كىشى بىلەن قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىشتات مۇپەتتىشى دانىيال دې لا روزا «بۇ قاتىللىق، قاتناش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن» دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئىككى جىنايەت گۇماندارىنىڭ نەزەربەند قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

دې لا روزا تىرىۋىتنىڭ مەزكۇر كىشىلەرگە زىيىنى ياكى يارلانغانلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن 2500 دوللار تۆلىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلار بۇ پۇلنى يېتەرلىك كۆرمەي، قاتىللىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقەگە دائىر تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر