فىرانسىيە مېتروسىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلاندى

فىرانسىيەنىڭ پارىژ رايونىدىكى مېترولاردا كۆرۈلگەن ھاۋا بۇلغىنىشى توغرىسىدا تەكشۈرۈش باشلاندى.

1970854
فىرانسىيە مېتروسىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان «Respire» جەمئىيىتىنىڭ يازما باياناتىدا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پارىژ رايونىدىكى مېترولارنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى توغرىسىدا  ئاگاھلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

باياناتتا، پايتەخت پارىژ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاممىۋى قاتناشقا مەسئۇل ئورگان «RATP» نىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى ۋە ھاۋا بۇلغىنىشىغا قارىتا ئۆلچەش ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، «RATP» نىڭ يولۇچىلار دۇچ كېلىدىغان خەتەر توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ئىككى يىل ئىلگىرى «Respire» جەمئىيىتىنىڭ «RATP» ئورگىنىنى «كەسپىي ئالدامچىلىق» ۋە «قەستەن زەخىملەندۇرۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئەرزنامە سۇنغاندىن كېيىن، پارىژ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«Respire» جەمئىيىتىنىڭمۇ بۇ قارارنى ئىجابىي قارشى ئالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر