ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

ئۇكرائىنا باخمۇت رايونىدا شۇ يەر ۋاقتى 1.30 ئۆتكەندە رۇسىيەنىڭ «Su-24M» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1966692
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
rus su-24m bombardiman ucagi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ «Su-24M» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلان ئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرى بۇ كېچە (28-مارت) رۇسىيەنىڭ <Su-24M> تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى. ئېتىپ چۈشۈرۈش باخمۇت يۆنىلىشىدە 1.30 ئۆتكەندە ئەمەلگە ئاشتى» دېيىلدى.

24-فېۋرال (2022) رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرۈشى بىلەن، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغان ئىدى. پۇتىن كىيېۋنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى توسۇش ۋە ئۇنى رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈپ، ناتسىسىزمدىن تازىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر