ھوندۇراس تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى ھوندۇراس (خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى توقۇنۇشى داۋاملىشىۋاتقان) تەيۋەننى ئېتىراپ قىلىدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەمدىلىكتە تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1965047
ھوندۇراس تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھوندۇراس تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «ھوندۇراس جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى دۇنيادا پەقەت بىرلا خىتاينىڭ بارلىقىنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۈتكۈل خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ» دېيىىلدى.

تەيۋەننىڭ خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلىگەن باياناتتا يەنە، ھوندۇراس ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكى ۋە ھېچقانداق رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتماسلىققا ۋەدە بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي» پرىنسىپىنى قوللىنىپ، تەيۋەننىڭ ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. خىتاي بوغۇزى ۋە ئەتراپىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىدىن باشقا يەنە، تەيۋەننىڭ ئەمەلىي مۇستەقىللىقىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشىشىگە شۇنداقلا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا رەسمىي ۋەكىل تۇرغۇزۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي  يەنە ئۆزىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرگە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشىنى شەرت قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر