شىمالىي كورېيە يەنە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى

جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ ياپونىيە دېڭىزى يۆنىلىشىدە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

1961730
شىمالىي كورېيە يەنە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابى سىناقنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:05 دە غەربىي شىمالدىكى تۇڭچاڭ رى رايونىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باياناتتا: «ئارمىيەمىز نازارەت قىلىشنى ۋە ھوشيارلىقنى كۈچەيتتى، ئامېرىكا بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئورنىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېيىلدى.

ياپونىيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 50 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ، 800 كىلومېتىر يول يۈرگەنلىكىنى ۋە ياپونىيە دېڭىزىغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئىنو توشىرو  سىناققا قارىتا «قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ باھا بەردى.

توكيو ھۆكۈمىتى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپونىيە دۆلەتلىك ئالاھىدە رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكىنى، رايوندىكى ھاۋا ۋە دېڭىز ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى باشلىغان ۋە 23 - مارتقىچە داۋاملىشىدىغان «ئەركىنلىك قالقىنى مانېۋىرى» ئەسناسىدا شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر