شىمالىي كورېيە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيە مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى.

1960503
شىمالىي كورېيە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى يىراق مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ پيوڭياڭنىڭ سۇنەن رايونىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىمۇ بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىدى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 6000 كىلومىتىر ئېگىزلىكتە تەخمىنەن 70 مىنۇت ئىلگىرىلىگەندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سىناقتىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىن چاقىرىپ سىناقنى ئەيىبلىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى سىنىقى جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئولنىڭ ياپونىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

يون سۇك يېئول جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىگە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ھەربىي مانېۋىرنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر