ئامېرىكا بىلەن گرۇزىيە رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى داۋاملاشتۇرۇشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

ئامېرىكا بىلەن گرۇزىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكى ۋە موسكۋا دائىرىلىرىنىڭ بۇ بېسىمنى ھېس قىلىشنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

1958330
ئامېرىكا بىلەن گرۇزىيە رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى داۋاملاشتۇرۇشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا ، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان گرۇزىيە پىرېزىدېنتى سالومې زۇرابىشۋىلى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا، گرۇزىيەنىڭ ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ قوللىغانلىقى، گرۇزىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گرۇزىيەدىكى تالاش-تارتىشلىق «چەتئەللىك جاسۇس» قانۇن لايىھەسىنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىدىن ئامېرىكانىڭ مەمنۇن  بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئۇچرىشىشتا يەنە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

ئۇچرىشىشىتا، تەرەپلەرنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكى ۋە رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئېمبارگولارنىڭ بېسىمىنى ھېس قىلىشنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، «(رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى»  دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر