شىمالىي كورېيە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا- جەنۇبىي كورېيە - ياپونىيە ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

1957726
شىمالىي كورېيە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
kuzey kore top atisi.jpg
kuzey kore top atisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە زەمبىرەكچى قىسىملىرى قارشى تەرەپنى ئۇرۇشتىن يالتايتىش ئىقتىدارىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئوخشىمىغان ئۇرۇش سىنارىيەلىرىگە تەييارلىق قىلىش، دىققەتنى ئۇرۇش سىنارىيەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش ئۈچۈن ئوق چىقىرىشنى مەشىق قىلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.

مانېۋىرنى قىزى كىم جۇ ئائې بىلەن بىرلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ بىۋاسىتە نازارەت قىلغان شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن، دۈشمەننىڭ تەلۋىلەرچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ھۇجۇم خەۋپىنى قوغدىنىش، يالتايتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە «دۈشمەننىڭ غەربىي فىروننتىكى مەشغۇلات ئايرودرومىغا زەربە بېرىش»كە مەسئۇل باتالىيوننىڭ جەڭگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ كۆزدىن كەچۈردى.

ئامېرىكا- جەنۇبىي كورېيە قىسىملىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى رايوندا باشلىنىدىغان بىرلەشمە ئەركىنلىك قالقىنى مانېۋىرى جەريانىدا شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

كورېيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن پيوڭياڭنىڭ سېرىق دېڭىز تەرەپكە قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر