ئامېرىكا گۇانتانامودىكى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر مەھبۇسنى قويۇپ بەردى

ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى 48 ياشلىق غەسسان شەربىنى ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بەردى.

1957345
ئامېرىكا گۇانتانامودىكى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر مەھبۇسنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دائىرلىرى 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ئامېرىكادا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى دەپ ئېلان قىلغان ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىدىن گۇمانلىنىپ تۇتقۇن قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى 48 ياشلىق غەسسان شەربىنى ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بەردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون بايانات ئېلان قىلىپ، 2022-يىلى 2-ئايدا شەربىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى ۋە ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىغا قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىننىڭ  2022-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە شەربىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتۇرۇپ بېرىش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

2002-يىلى مارتتا پاكىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، رەسمىي ئەيىبلىمەستىنلا 20 يىل بويىچە گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان شەربىنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتىدىن بومبا ياساشنى ئۆگەنگەنلىكىدىن گۇمان قىلىنماقتا ئىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى 12-فېۋرالدىكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرىدا گۈانتانامودىكى تۈرمىنى تاقاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر