شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى شىمالىي كورېيەنىڭ دېڭىزغا قارىتىپ قويۇپ بەرگەن قىسقا مۇساپىلىك بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى بايقىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1957408
شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايغا چۈشكەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ نامپو شەھىرىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، قىسقا مۇساپىلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يوڭئۇن، دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى ئامېرىكانىڭ  بىۋاسىتە توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان تەقدىردە، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇنى «ئۇرۇش ئېلان قىلىش» دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالدىدا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇزۇن مۇساپىلىك ۋە يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سىناق قىلىشنى توختىتىش ئويى يوق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر