مېكسىكادا «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مېكسىكادا «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپىنچىسى ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان مىڭلىغان كىشى ئاياللارغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1957098
مېكسىكادا «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت مېكسىكو شەھىرىدىكى دۆلەت سارىيى مەيدانىغا يىغىلغان نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك يۈز بەردى.

بىر گۇرۇپپا ھۆكۈمەت بىناسىىنىڭ دېرىزىلىرىگە ئوت قويغاندىن كېيىن ساقچىلارمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.

نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى  ئوتنى ئۆچۈرىۋالدى، ھېچقانداق يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

مېكسىكانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە نامايىش قىلغان گۇرۇپپىلار ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغداش چاقىرىقىدا بولدى.

مېكسىكا؛ لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئاياللارغا قارشى جىنايەت نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر