مېكسىكادا تۇتۇپ كېتىلگەن تۆت ئامېرىكا پۇقراسىدىن ئىككىسىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

مېكسىكانىڭ ماتاموروس شەھىرىدە قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن تۆت ئامېرىكا پۇقراسىدىن ئىككىسىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1956513
مېكسىكادا تۇتۇپ كېتىلگەن تۆت ئامېرىكا پۇقراسىدىن ئىككىسىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ  ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، ئامېرىكا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى.

لوپېز ئوبرادور: «تەپتىش مەھكىمىسى تۆت ئامېرىكا پۇقراسىدىن ئىككىسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە يەنە بىرىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بىز خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. لېبارون ئائىلىسى ئۆلتۈرۈلگەندە جاۋابكارلار قانداق تېپىلغان ۋە جازالانغان بولسا، شۇنىڭغا ئوخشاش زۆرۈر خىزمەتلەر چوقۇم قىلىنىدۇ ۋە قانۇنسىز قىلمىشلار جازاسىز قالمايدۇ» دېدى.

تاماۋلىپاس مۇپەتتىشى ئىرۋىڭ بارىرىيوسمۇ تۇتۇپ كېتىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق بىر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، جاۋابكارلارنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن تەكشۈرۈش ۋە ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربىمۇ توردا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ مېكسىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن «تۇتۇپ كېتىش» ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ دۆلىتىگە قايتىشىغا دائىر ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «ھازىر ئەڭ مۇھىم ئەندىشىمىز، ھۇجۇمدا ھايات قالغان پۇقرالىرىمىزنىڭ بىخەتەر قايتىپ كېلىشى ۋە سالامەتلىكى» دېدى.

كىربى يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى مەيلى قەيەردە ۋە قانداق شارائىتتا يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ۋەقەدە ئادالەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشماقتىمىز.»

ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېرمۇ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مېكسىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىىۋاتقانلىقىنى ۋە تۇتۇپ كېتىلگەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەنمۇ ئالاقىلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تۇتۇپ كېتىلگەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ مېكسىكاغا داۋالىنىشقا بارغانلىقىغا دائىر سوئاللارغىمۇ جاۋاب بەرگەن ژان پيېر، بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشنىڭ  داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما، نېمە ئۈچۈن مېكسىكاغا بارغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرمىدى.

ژان پيېر جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىگە ئائىت بىر قاتار مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 23 مىڭ چېگرا قوغدىغۇچىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە سان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI)   3 - مارتتا تۆت نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ مېكسىكانىڭ تامامۇلىپاس ئۆلكىسىگە قاراشلىق ماتاموروس شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تۇتۇپ كېتىلگەن تۆت ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ تېپىلىشى ۋە ۋەقەگە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن 50 مىڭ دوللار مۇكاپات ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر