باڭلادىشتىكى پارتلاشتا 19 كىشى قازا قىلدى

باڭلادىش پايتەختى داككادا بىر بىنادا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 19 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1956755
باڭلادىشتىكى پارتلاشتا 19 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «CNN» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغانسدا، ساقچى مەسئۇلى ماھىدۇددىن خوندەكار گۈلىستان رايونىدىكى يەتتە قەۋەتلىك بىنادا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى، ئەمما تەبىئىي گازنىڭ سقىشىپ قىلشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ماھىدۇددىن خوندەكار ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، جېنىدىن ئايرىلغانلار بىلەن زىياننىڭ ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن.

ماھىدۇددىن خوندەكار پارتلاش يۈز بەرگەندە بىنادا كۆپ ئادەم يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 19 ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ماھىدۇددىن خوندەكار بىنانىڭ ئاۋات كوچىغا جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن پارتلاشنىڭ تەسىرىگە پىيادىلەرنىڭ كۆپرەك ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

پارتلاشتا تەخمىنەن 100 كىشى يارىلىنىپ، بۇلاردىن 22 كىشى بالنېستقا ئېلىندى.

پارتلاشنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىشخانا ۋە دۇكانلار جايلاشقان بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى تازىلىق ماتېرىياللىرى ساتىدىغان دۇكاندا يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر