ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا «تىكتوك» چەكلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن 30 كۈن مۆھلەت بەردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رەسمىي تېلېفونلاردا خىتاي ۋىدېئو ئورتاقلىشىش ئەپ دېتالى «تىكتوك»نى ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن 30 كۈن مۆھلەت بەردى.

1952782
ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا «تىكتوك» چەكلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن 30 كۈن مۆھلەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، «تىكتوك» ئەپ دېتالىنى باشقۇرۇۋاتقان «ByteDance» شىركىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «تىكتوك» ئەپ دىېتالى ئابونتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشىشىگە يول قويۇش ئېھتىمالى بارلىقى گۇمانى قوزغالغاندىن كېيىن، 12-ئايدا (2023) ماقۇللانغان دۆلەت مەجلىسى بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆكۈمەت تېلېفونلىرى ۋە سىستېمىلىرىدا «تىكتوك»نى ئىشلىتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

OMB فېدېراتسىيە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئىدارىسى باشلىقى كرىس دېرۇشا بايانات ئېلان قىلىپ، 30 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشى كېرەك بولغان ئۇقتۇرۇشنىڭ رەقەملىك ئۇل- ئەسلىھەلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ByteDance» شىركىتى ئەيىبلەشلەرنىڭ «يالغان ئۇچۇرلارنى» مەنبە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىنى رەت قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بۈگۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننى «تىكتوك»نى بارلىق ئۈسكۈنىلەردىن چەكلەش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىدىغان بىر قانۇن لايىھەسى ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر