بىرازىلىيەدە كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 50 ئادەم قازا قىلدى
بىرازىلىيەنىڭ ساۋ پاۋلو ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 50 كە يەتتى.
1951022
![بىرازىلىيەدە كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 50 ئادەم قازا قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/aef9/95d6/0e82/63f85f92908d6.jpg?time=1718967407)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساۋ پاۋلو ئۆلكىسى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 18 – فېۋرالدىن (2023) بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 50 كە يەتكەن، 1815 كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، 30 دىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتكەن.
دائىرىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.