رۇسىيە: بلىنكېننىڭ پۇتىن ھەققىدىكى باياناتى «سەپسەتە» دىن باشقا نەرسە ئەمەس

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ھەققىدە بەرگەن باياناتىنىڭ «سەپسەتە» دىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1950505
رۇسىيە: بلىنكېننىڭ پۇتىن ھەققىدىكى باياناتى «سەپسەتە» دىن باشقا نەرسە ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

زاخاروۋا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ «پۇتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن باشقا دۇنيا رەھبەرلىرىگە قارىغاندا ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى» دېگەن سۆزىنىڭ «سەپسەتە» دىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

مارىيا زاخاروۋا  بلىنكېننىڭ «ناچار چاقچاق» قىلىدىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ بىر خىل مەرەزلىك، بىمەنە ۋە كەمتۈك تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بۇنداق ئويلىسا، ئۇ باشقۇرۇۋاتقان مىنىستىرلىقتىن قورقۇشقا توغرا كېلىدۇ.»

 زاخاروۋا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«2022-يىلغىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى كېڭەيتكەن موسكۋامۇ؟ رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ بۇزۇلۇشىغا بىز مەسئۇلمۇ؟ ئەسلىدە بۇ كېلىشىمنى غەرب بۇزدى. بىز يەنە گۇناھكارمۇ؟ بۇ ئارقىلىق بىمەنىلىكمۇ ۋايىغا يەتكەن بولدى. دەرۋەقە، غەرب ئەللىرى يەر شارىمىزنى كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭ خەتەرلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمىشە ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز.»

مارىيا زاخاروۋا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتىنىڭ 2014 – يىلقى ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن مەيدان ۋەقەلىرىنىڭ خاتىرە كۈنىگە توغرا كېلىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«قارىغاندا، ھەم جىنايەتشۇناسلار ھەمدە پىسخولوگلارنىڭمۇ ئوخشاش گەپلەرنى قىلىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىش ياخشىدەك قىلىدۇ.»

زاخاروۋا جو بايدىننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا كېلەر يىلى (2024) ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بايدىننىڭ كىيېۋ ۋە ۋارشاۋادا بەرگەن باياناتلىرىدا ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرۇلۇق سۆز قىلماسلىقى، ۋاشىنگتوننىڭ موسكۋا بىلەن بولغان سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش ئارزۇسىنىڭ نامايەندىسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر