نىئىنىستو: ئەزالىقىمىزنى تەستىقلاش ھوقۇقى تۈركىيەنىڭ قولىدا

فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىئىنىستو دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا شىۋېتسىيە بىلەن بىرلىكتە ئەزا بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ روياپقا چىقىش - چىقماسلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1950315
نىئىنىستو: ئەزالىقىمىزنى تەستىقلاش ھوقۇقى تۈركىيەنىڭ قولىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سائۇلى نىئىنىستو شىۋېتسىيەنىڭ خارپسۇند شەھىرىدە شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون ۋە نورۋېگىيە باش مىنىستىرى گاھر ستور بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

سائۇلى نىئىنىستو يىغىندا سۆز قىلىپ: «فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى شىۋېتسىيە بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشماقتا. بىز ناتوغا شىۋېتسىيە بىلەن بىرلىكتە قېتىلىشنى خالىساقمۇ، قولىمىزدىن بىر ئىش كەلمەيدۇ، چۈنكى، تەستىقلاش (ھوقۇقى) تۈركىيەنىڭ قولىدا. مەن تۈركىيەنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن» دېدى.

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىستېرسون بولسا، دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن ناتوغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سىكاندىناۋىيە رايونىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز ناتوغا چوڭقۇرلۇق بېغىشلايدۇ. شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە ناتوغا ئەزا بولغاندا، رايونىمىز ناتونىڭ ئەڭ شىمالى رايونىغا ئايلىنىدۇ» دېدى.

نورۋېگىيە باش مىنىستىرى گاھر ستور دۆلىتىنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ناتوغا كۈچ قوشىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ: «رۇسىيە بارغانسېرى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلدى. رۇسىيە سىكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىگە قاراتقان تور ئۇرۇشىدا ئارىلاشما ئۇرۇش قاتارلىق ھەر خىل خەتەرلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىلىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ناھايىتى مۇھىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر