ۋىلادىمىر پۇتىن ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

1950149
ۋىلادىمىر پۇتىن ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پۇتىن موسكۋادىكى پىرېزىدىېنتلىق سارىيى كرېمىلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىتا، رۇسىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھەممە ساھەدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكى يىللاردا پىلانلانلىغىنىمىزدەك داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەممە ئىش كەلگۈسىگە يۆنىلىشلىك بولۇپ، يېڭى مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتمەكتىمىز» دېدى.

پۇتىن رۇسىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۈگۈنكى كۈندىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىككى قۇتۇپلۇق سىستېما يىمىرىلگەندىن كېيىن ياخشى ھالغا كېلىپ باقمىدى. خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى خەلقئارا ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، «BRICS دۆلەتلىرى» (بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى) گۇرۇھى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ پات يېقىندا رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاڭ يىمۇ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارانىڭ بېسىمىغا كۆرەك كىردى ۋە مۇقىم ھالدا ئىلگىرىلىمەكتە» دېدى.

ئۇ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ دېموكراتىك بولىدىغان دۇنيا تەرتىپنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىجابىي رول ئېلىشتىكى سىياسىي ئىرادىمىزنى نامايان قىلىشقا، ئۆزئارا سىياسىي ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا تەسىرنى كېڭەيتىشكە تەييارمىز» دېدى.

ۋاڭ يى موسكۋادىكى زىيارىتى دائىرىسىدە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر