خىتاي: ئامېرىكا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ قورال مەنبەسىدۇر

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن ئامېرىكانىڭ «خىتاي ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قورال ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ» دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، ئەمما «ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ قورال مەنبەسىنىڭ ئامېرىكا» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1949797
خىتاي: ئامېرىكا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ قورال مەنبەسىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ كىيېۋ زىيارىتى جەريانىدا، ئۇكرائىناغا 500 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋاڭ ۋاشىنگىتوننىڭ «تىنچلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى ئەمەس، مالىمانچىلىق پەيدا قىلغۇچى» ئىكەنلىكىگە دائىر كېرەكلىك بولغاندىنمۇ كۆپ دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئامېرىكا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ قورال مەنبەسىدۇر. ئەمەلىيەتكە خىلاپ ھالدا خىتاينىڭ قورال بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇلارنىڭ مەقسىتى نېمە؟ دەپ ئويلىماي بولمايدۇ. بىر تەرەپتىن دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن، مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىنىڭ يانچۇقىنى تولدۇرۇشىنى كۆرۈش ئادەمنىڭ ۋىجدانىنى ئازاپلىمامدۇ؟» دېدى.

ۋاڭ يەنە مۇنداق دېدى:

«خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت <ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرۇش شېرىكچىلىكىدۇر>، <ئىتتىپاق تۈزمەسلىك>، <قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك> ۋە <ئۈچىنچى تەرەپنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىق> پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىدۇ. ئامېرىكانىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز سەۋەبىدىن بىزنى ئەيىبلىشىنى ۋە بىزگە بېسىم قىلىشىنى قوبۇل قىلمايمىز»

ۋاڭ ئامېرىكانىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىشىشى ۋە ئوتقا بېنزىن تۆكۈشتىن شۇنداقلا توقۇنۇشتىن پايدا ئېلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندا <ئەڭ ئاخىرقى بىر ئافغانىستانلىق قالغىچە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش> ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇكرائىنادىمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۇكرائىنالىق قالغىچە ئۇرۇش قىلىشنى خالامدۇ؟» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 19 – فېۋرالدا ئامېرىكانىڭ «CBS» تېلېۋىزىيە قانىلغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن قورال ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بلىنكېن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھازىرچە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى «ئەجەللىك بولمىغان» ياردەملەر بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېڭى ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ رۇسىيەنى بىۋاسىتە «ئەجەللىك» قورال ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە: «خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىشى مۇناسىۋىتىمىزدە ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر