ياپونىيە ئۇكرائىناغا 5 مىليارد 500 مىليون دوللار ياردەم بېرىدۇ
ياپونىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا 5 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.
1949231
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو، پايتەخت توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى بولغان 24 – فېۋرالدىن بۇرۇن ئۇكرائىناغا بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەملەرنى كۆپەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
كىشىدا فۇمىئو، ياپونىيەنىڭ ئۇكرائىناغا 5 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيەنىڭ رەسمىي «‹كيودو› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم، ئۇكرائىنانىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن.