چىن گاڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا توختالدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئوتقا ياغ چېچىشقا خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1949451
چىن گاڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بېيجىڭدا چاقىرىلغان لانتىڭ مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ، دۆلىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تەرەپلەرنى دىيالوگ ۋە سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۈپ، بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئەندىشەلىرىنى تۈگتىدىغان شەكىلدە ئورتاق بىخەتەرلىك چۈشەنچىسى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ياۋروپاغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئېلىپ كېلىدىغان سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئىما قىلغان ھالدا: «بىز بەزى دۆلەتلەرنى ئوتقا ياغ چاچماسلىققا چاقىرىمىز» دېدى.

ئۇ دۇنيا مىقياسىدا قالايمىقانچىلىق ۋە توقۇنۇش خەۋىپىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «تىنچلىقپەرۋەر دۆلەتلەر نۆۋەتتىكى دۈشمەنلىشىشنى تېزدىن تۈگىتىشكە تىرىشىشى كېرەك» دېدى.

خىتاي مىنىستىرىنىڭ بۇ سۆزى، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىشى ئۈچۈن رۇسىيەنى قورال ۋە ئوق – دورا بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭنى بۇنداق بىر قەدەمنى تاشلاشنىڭ «ئېغىر ئاقىۋەتلەر»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكانىڭ CBS قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا ئىستىخباراتى (دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى) نىڭ، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىشى ئۈچۈن رۇسىيەنى قورال ۋە ئوق – دورا بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى «ئەجەللىك بولمىغان» ياردەملەر بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئانتونى بلىنكېن، يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ، بېيجىڭنىڭ بىۋاسىتە ھالدا «ئەجەللىك» قورال ۋە ئوق - دورىلارنى بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىشى مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر