ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيەنىڭ ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ۋە ياپونىيە دېڭىزىغا قارىتىپ قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1948459
ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە شۇ يەر ۋاقتى 06:59  دە ۋە 07:10 دە ياپونىيە دېڭىزى تەرەپكە ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن. قىسقا مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا (SRBM) ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەن، ئەمما رايوندىكى پاراخوتلارغا زىيان يەتكۈزمىگەن.

باش ۋەزىر كىشىدا فۇمىيو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى چاقىرىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

سىناقتىن كېيىن، توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سۇكچون رايونىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بىرىنچى بومبىنىڭ 390 كىلومېتىر ۋە ئىككىنچى بومبىنىڭ 340 كىلومېتىر مەنزىلگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيە 2022 – يىلى قىلغان جەمئىي 37 قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدا، تەخمىنەن 90 خىل ئوخشىمىغان تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى 2023 - يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق سىناق ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر