رۇسىيە ئۇكرائىناغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي زالۇژنىي رۇسىيە ئارمىيەسى بۈگۈن ئەتىگەندە قويۇپ بەرگەن 36 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 16 سىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1947289
رۇسىيە ئۇكرائىناغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي زالۇژنىي، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن (16-فېۋرال) ئەتىگەن قايتىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىزدىن جەمئىي 36 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن زالۇژنىي ئۇلارنىڭ 16 دانىسىنىڭ، ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە ئارمىيەسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھاۋا ھۇجۇمى سىگناللىرىنىڭ ئاڭلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر