گېرمانىيە پىرېزىدېنتى: تۈركىيە خەلقىنىڭ دەردى بىزنىڭمۇ دەردمىز

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېر ستېينمىيېر تۈركىيە خەلقىنىڭ دەردىنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ دەردى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1944776
گېرمانىيە پىرېزىدېنتى: تۈركىيە خەلقىنىڭ دەردى بىزنىڭمۇ دەردمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمىيېر 6 – فېۋرال (2023) قاھرامانماراش قاتارلىق تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن مااتەم تۇتۇۋاتقانلار ئۈچۈن «سىلەر تارتىۋاتقان دەرد - ئەلەملەرنى كۆرۈۋاتىمىز، نالە-پەريادلىرىڭلارنى ئاڭلاۋاتىمىز، سىلەرنىڭ دەردىڭلار بىزنىڭمۇ دەردىمىز» دېدى.

ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىنالارنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆي – ماكانلىرى ۋە نەرسە-كېرەكلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، قار ۋە سوغۇقتا چارەسىز قالدى.»

ئۇ يەر تەۋرەشتە ھايات قالغۇچىلارنىڭ، ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن – يورۇقلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيەدىكى تۈركىيە ياكى سۈرىيەدە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى شۇنداقلا دوست - بۇرادەرلىرى بار كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ھازىر گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ماتەم تۇتۇۋاتقان، يىغلاۋاتقان، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنىڭ قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان ۋە قورقۇۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرگە؛ ئاپەت رايونىدا تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى كۈچسىز ھېس قىلىدىغان كىشىلەرگە شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، بۈگۈن ھەممىڭلارغا شۇنداق دەيمەنكى، بىز سىلەر تارتىۋاتقان دەرد - ئەلەملەرنى كۆرۈۋاتىمىز، نالە-پەريادلىرىڭلارنى ئاڭلاۋاتىمىز، سىلەرنىڭ دەردىڭلار بىزنىڭمۇ دەردىمىزدۇر. بۇ مۇسىبەتلىك كۈنلەردە ۋەيران بولغان شەھەرلەردە ۋە بۇ يەردە بىز بىلەن بىرلىكتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن ھارماي-تالماي خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى توشۇۋاتقانلارغا، ياردەم بەرگۈچىلەرگە، ئىئانە توپلىغۇچىلارغا، ئىئانە قىلغۇچىلارغا، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى ئۇرۇق – تۇغقان، يېقىن – يورۇقلىرى تالاپەتكە ئۇچرىغان قوشنىلىرى بىلەن بىللە بولغانلارغا، دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن، چىن دىلىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.»

ئۇ تۈركىيە ياكى سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ھازىر ياردەمگە تېخىمۇ كۆپ موھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئاپەت كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئورنى باشقا خەۋەرلەرگە ئالماشقان ۋاقىتتىمۇ، ئۇلار بىزنىڭ ھەمكارلىىشىشىمىز ۋە قوللىشىمىزغا موھتاج بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر