خىتايدىكى پارتلاشتا 2 كىشى قازا قىلىپ، 34 كىشى يارىلاندى ۋە 12 كىشى يوقاپ كەتتى

خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق پانشەن شەھىرىدە خىمىيە سانائەت بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتتا تۈنۈگۈن (15-يانۋار) كەچتە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1933077
خىتايدىكى پارتلاشتا 2 كىشى قازا قىلىپ، 34 كىشى يارىلاندى ۋە  12 كىشى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارتىلاشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى، يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېلىنغان.

پارتلاشتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوت ئاپىتىدە ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 34 كىشى يارىلانغان.

پارتلاشتا يوقاپ كەتكەن 12 كىشىنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر