ھېرزوگ: ئىسىرائىلىيە ئېغىر ئىچكى توقۇنۇش ئىچىدە

ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساق ھېرزوگ ئىسىرائىلىيەنىڭ ناھايىتى ئېغىر توقۇنۇش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ «جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ پارچىلانماسلىقى ۋە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ كىرىزىس يۈز بەرمەسلىكى» ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1933114
ھېرزوگ: ئىسىرائىلىيە ئېغىر ئىچكى توقۇنۇش ئىچىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساق ھېرزوگ ھۆكۈمەتنىڭ سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بەزى ھوقۇقلىرىنى پارلامېنتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىگە قارشى كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكى توغرىسىدىكى تەنقىدلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ تۋىتتېردا تارقاتقان ۋىدېئوسىدا خەلققە خىتاب قىلىپ: «بىز دۆلەتنى پارچىلايدىغان ناھايىتى ئېغىر توقۇنۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز. بۇ قۇتۇپلىشىش مېنى ۋە ئىسىرائىلىيە بىلەن چەت ئەللەردىكى خەلقنىڭ كۆپ قىسمىنى قاتتىق ئەندىشەگە سېلىۋاتىدۇ. ماڭا قارىتىلغان تەنقىدلەرگە ھۆرمەت قىلىمەن. مەن تارىخىي ئاساسىي قانۇن كىرىزىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ پارچىلانماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىغا دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرىمەن» دېدى.

بىنيامېن نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بەزى ھوقۇقلىرىنى پارلامېنتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئۈچۈن قىلغان ھەرىكلەتلىرى، ئالىي سوتنى ئاساس قىلغان ھالدا ھۆكۈمەت بىلەن سوت مەھكىمىلىرى ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىكلەرنى پەيدا قىلغان ئىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى يارىن لېۋىن 5-يانۋاردا (2023) ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇقلىرىغا چەك قويغان، سوتچىلارنىڭ سايلاملارغا بولغان تەسىرىنى ئازايتقان ۋە پارلامېنتنىڭ سوت قارارلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلالايدىغان قانۇن لايىھەسى تۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر