ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمىدا ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ سىڭلىسى شېھىت بولدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ غەربىدىكى ئەل-شاتى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىدا، ھاماس سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ سىڭلىسى قاتارلىق 10 كىشى شېھىت قىلىندى.
2155589
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇۋاھچىلاردىن ئىگەللەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى شاتى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىكى ھەنىييەنىڭ ئائىلىسى تۇرۇۋاتقان ئۆيگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.
ھۇجۇمدا ئۆي پۈتۈنلەي يىقىلغان ۋە كەم دېگەندە 10 ئائىلە ئەزاسى قازا قىلىپ، بەزىلىرى يارىلانغان.
غەززە شەھىرىدىكى مۇئەممەدانىي دوختۇرخانىسىدىكى مەنبەلەر، قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ھەنىييەنىڭ سىڭلىسى زەھىر ئابدۇسالام ھەنىييەنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى روزا ھېيتتىمۇ (11-ئاپرېل) كۈنى بىر ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ھەنىييەنىڭ ئاپتوموبىلدىكى 3 ئوغلى ۋە 4 نەۋرىسى قازا قىلغان ئىدى.