مىسىردا ئىلگىرى بىلىنمىگەن بىر فىرئەۋننىڭ قەبرىسى تېپىلدى
مىسىرنىڭ لۇكسور شەھىرىدە 3500 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر فىرئەۋننىڭ قەبرىسى تېپىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ساياھەت ۋە قەدىمىي يادىكارلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، قەدىمىي يادىكارلىقلار ئالىي كېڭىشى ۋە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى زامانىۋى دۆلەت تەتقىقات ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرۇلغان مىسىر-ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئەترىتىنىڭ لۇكسور شەھىرىدىكى قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىلگىرى ھېچ بىلىنمىگەن بىر فىرئەۋننىڭ قەبرىسىنى تاپقانلىقى ئېلان قىلىندى.
بايقالغان قەبرىنىڭ بىرىنچى تۇتموس دەۋرىدىكى خان جەمەتى مەلىكىلىرى ياكى شاھزەدىلىرىدىن بىرىگە تەۋە بولۇشى مۇمكىنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
قېزىۋېلىنغان قەبرىنىڭ قەدىمقى دەۋرلەردە يۈز بەرگەن كەلكۈن سەۋەبىدىن ناھايىتى ناچار ھالەتتە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
فىرئەۋن بىرىنچى توتموس قەدىمىي مىسىرنىڭ 18 - خانىدانلىقى دەۋرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستان 6 ئىران مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
سسەئۇدى ئەرەبىستان ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6 مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.