نېد پرايس: رۇسىيەنىڭ قىلغىنى ساراڭلىق

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پرايس رۇسىيە 24-فېۋرالدىن(2022)باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا قوماندانلارنى توختىماي ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئوخشىمىغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بىر ساراڭلىق»دېدى.

1932243
نېد پرايس: رۇسىيەنىڭ قىلغىنى ساراڭلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «رۇسىيە باش شتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموفنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكەتكە مەسئۇل بىرلەشمە ھەربىي قىسىمنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى» توغرىسىدىكى سوئالغا: «بۇنداق قىلىش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشتا نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى موسكۋادىن سوراش كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ نۇقتىئىينەزىرىمىزدىن قارىغاندا، بۇ ماڭا ساراڭلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن بىرنى ئەسلىتىدۇ، يەنى ئوخشاش ئىشنى قايتا-قايتا قىلىپ، باشقىچە نەتىجىگە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. رۇسىيە ھەمىشە يۇقىرى دەرىجىلىك، تەجرىبىسى مول ۋە تەسىرى كۈچلۈك قوماندانلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئارقىلىق ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ؛ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغداش سېپىللىرىنى، دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىنى ئاتىغان ئۇكرائىنا ۋەتەنپەرۋەرلىرىنى كۆرمەكتە. رۇسىيە ھەر قېتىم يېڭى قومانداننى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئارقىلىق ئۇرۇشنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ يەردە ئاساسلىق ئامىل ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۆز زېمىنى ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، رۇسىيە ئارمىيەسى زېمىن ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا ئىرادىسىنى نامايان قىلىشنى ۋە زېمىنىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.»

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموفنىڭ ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە قىسمىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر