گىرۇزىيە بىلەن ئەرمېنىيە كىملىك كارتىسى بىلەن ساياھەت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

گىرۇزىيە بىلەن ئەرمېنىيە كىملىك كارتى بىلەن ساياھەت قىلىش مۇساپىسىگە قەدەم قويۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

1932054
گىرۇزىيە بىلەن ئەرمېنىيە كىملىك كارتىسى بىلەن ساياھەت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر ئىراكلى گارىباشۋىلىنىڭ ئەرمېنىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا ئەرمېنىيەلىك مەنسەپدىشى نىكول پاشىنيان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پايتەخت ئەرىۋاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىسادىي كومىتېت يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گارىباشۋىلى بىلەن پاشىنيان گىرۇزىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، كىملىك كارتى ​​بىلەن ساياھەت قىلىش مۇساپىسىنى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر