بايدىن جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، دۆلىتىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتلىرىگە قارشى جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلەشمە مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1927153
بايدىن جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىننىڭ باياناتى جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئولنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتلىرىگە قارشى ئورتاق پىلانلارنى تۈزۈپ، بىرلەشمە مانېۋىلارنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەرلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

بايدىن مۇخبىرلارنىڭ <ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە يادرو مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ – ئۆتكۈزمىگەنلىكى> توغرىسىدىكى سوئالىغا «ياق» دەپ جاۋاب بەردى.

يون دۆلىتىنىڭ «چوسۇن ئىلبو» گېزىتىگە بايانات بېرىپ: «بىز ئامېرىكا بىلەن ئۈنۈملۈك شەكىلدە يالتايتىش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا ئورتاق پىلانلارنى تۈزۈپ، يادرو ئىقتىدارى جەھەتتە بىرلەشمە مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز. ئامېرىكامۇ بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن ئاكتىپ قارىماقتا» دېگەنىدى.

شىمالىي كورېيە 2022-يىلى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى.

جەمئىي 90 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن پيوڭياڭ ھۆكۈمىتى، 2022-يىلى نويابىردا بىر كۈندە 23 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى.

پىيوڭياڭ 2023-يىلىنىڭ دەسلەپكى لەھزىلىرىدىمۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر