ئانتونېي بلىنكېن چىن گاڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن خىتاينىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1926571
ئانتونېي بلىنكېن چىن گاڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا  ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈن خىتاينىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىنى ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يوللىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىن گاڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى.

چىن گاڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 69 ياشلىق ۋاڭ يىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى.

ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي كومپارتىيەسى سىياسى بيۇروسىغا ئۆستۈرۈلگەن ۋاڭ يىنىڭ خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر